2010.09.25

باش شتابى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر فېستىۋال 2007 – يىلىدىن بۇيان بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەر بېشكەكتىكى تارىخ موزىيىدا كۆرسىتىلگەن.
«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» كۆرسىتىلىۋاتقان سورۇنغا قىرغىز دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۈسسۈپ كىرگەن ۋە فىلىمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، زالغا ئۈسۈپ كىرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى، كىنونى توختىشى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يازما بۇيرۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇيرۇقنى چىقىرىپ كۆرسەتمىگەن. بىخەتەرلىك خادىملىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» يەنە داۋاملاشتۇرۇلغان.
فىلىم فېستىۋالىنى قىرغىزىستاندىكى «دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بىرلىكى» ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر فىلىم 2009 – يىلى ئاۋسترالىيە مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئاۋسترالىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
فىلىم شۇندىن كېيىن بىر قانچە چوڭ خەلقئارا فېستىۋالىغا قويۇلدى.