2010.09.25
ئۇ ئوتكەن يىلى دېكابىردا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. ئۇ، نۆۋەتتە خىتايدا تۈرمىدە.
خىتايدىكى بىر قىسىم يازغۇچى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسى جۈمە كۈنى «بوشۈن» تورىدا بېرىلدى.
مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن «شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، نوبېل كومىتېتى ليۇ شياۋبو ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر ئۇچۇر يوللىغان بولىدۇ. خىتايدا ۋە دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان ئادەم خىتايدىكى بىر مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ھۆرلۈكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئۇنىڭ غايىسى ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ.»
مۇراجىئەتنامە شەكىلدە يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەتكە 120 خىتاي زىيالىسى ئىمزا قويغان. ئۆتكەن يىلى ئىلگىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ليۇ شياۋبونىڭ نامزاتلىقىنى قوللاپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىدى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كاندىداتلىقىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئۇدا بىر نەچچە يىل كۆرسىتىلگەن ئىدى.