2010.09.22

رابىيە قادىر خانىم يۇتا شتاتىدا يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان شۇنىڭدەك يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان ۋە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ يۇتادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم، يۇتا ۋەللي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلاتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يۇتا برىنغام ياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
22 - سېنتەبىر كۈنى، رابىيە خانىم يەنە يۇتانىڭ مەركىزى سوفىتلاك شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا زىيالىيلىرىغا تونۇشتۇرۇدىغان بىر قېتىملىق چوڭ پۇرسەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.