2010.09.09

بۈگۈن يەنى 9 – سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقىدى ۋە شۇنداقلا بۇ ئۇلۇغ ھېيت ئايەم كۈنلىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر بىرىگە غېرىبلىق ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن روزا ھېيتلىق پائالىيەتلەردە بىرگە بولۇپ، ئۆز - ئارا بايراملىرىنى تەبرىكلەشتى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا، شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ئۆزىنىڭ يۈرەكتىن چىققان تەبرىكلىرى بىلەن بايراملىق سالاملار يوللايدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچراق ئولتۇراقلاشقان ۋاشىنگىتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مەرىيلەن شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش خۇشاللىق بايرام كۈنلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 9 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى تۈرك جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان روزا ھېيتلىق بايرام پائالىيىتىدە ئۇلار يەنە بىر يەرگە جەم بولغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان غەيرەت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ھۆسەيىن ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بۈگۈنكىدەك ھېيت نامىزىدىلا ئەمەس، ئۇلۇغ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىدە داۋاملىق ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە پەرزەنتلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا سەبىر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، روزا ھېيت خاسىيىتى بىلەن تۇرمۇشۇڭلارغا ئىناقلىق، خاتىرجەملىك، بەرىكەت تىلەيمىز. سەمىمىي سالام ھەم تىلەكلىرىمىز، مەيۈس چېھرىلەرگە جىلۋە، يارىلانغان كۆڭۈللەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزگۈسى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.