مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە ۋە بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھەرلىرىدە تۇرۇپ، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئالاھىدە خادىم تەيىنلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.09.06
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ۋەكىللىككە تەيىنلەنگەن ئىككى ئالاھىدە خادىمنىڭ جەنۋە ۋە بريۇسسېلغا بېرىپ ئارقا – ئارقىدىن ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە خادىملارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىس مەمەت توختى بريۇسسېلغا، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خادىملىرىدىن كەسىي پولىئاس خانىم جەنۋەگە تەيىنلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «ب س ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ مۇھىم خىزمەت پروگراممىلىرىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 13‏ – سېنتەبىردىن 1‏ – ئۆكتەبىرگىچە جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان 15 – نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى. جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان مۇھىم يىغىنلاردىن بىرى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدىن خەلقئارا بېىسم پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سورۇندۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن بىر قانچە ئايدىن بېرى پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ زادى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن ياكى كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ھەققىدە توختالمىدى.