2010.09.04
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 -ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 10 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ Annelie Enochson ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ئۇلار بۇ جەرياندا 3000 دىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقىنى مەزكۇر رايوندا تارقاتقان. ئۇيغۇر ھەيئەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدىن مەمنۇن بولغان، Annelie Enochson خانىم، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش ئىشىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسىنى قوللاپ، ستوكخولۇمدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا نۆۋەتتە شۋېتسىيىدە 700 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇنىڭ 100گە يېقىنى شۋېتسىيە ۋەتەندېشى؛ شۇڭا ئۇلار، سايلامنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.