2010.09.03

قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسى ساقچىلىرى ۋە ئەرزىيەت خادىملىرى بېيجىڭدا، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنى تۇتۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن بىر قانچە ساقچى ۋە ئەرزىيەت خادىملىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنى تۇتۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر ئون نەچچە كۈندىن بېرى مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە.

1993 ‏- يىلى، تۇرسۇن غوپۇرنىڭ بىر ئىنىسى قەشقەردىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆزى ۋە يەنە بىر ئىنىسى بۇ پارتلاشتا ئېغىر يارىلىنىپ مېيىپ بولغان. تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ۋە كېيىن بىر ساق كۆزىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ كۆزىنىڭ ئېلىۋېتىلىشىنى، ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋانىڭ ئالدىنى توسۇش دەپ چۈشىنىپ كەلگەن.

تاكى ھازىرغا قەدەر، مەيلى ھۆكۈمەت، مەيلى ھەربىي دائىرىلەر بولسۇن، تۇرسۇن غوپۇر ئائىلىسىگە ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. تۇرسۇن غوپۇر 15 يىلدىن بېرى يەنى 17 يېشىدىن باشلاپ، مانا بۇ ئەرز بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىرلىكتە ئىپتار بەردى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن فائىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار يىغىلىشىغا ۋىرجىنىيە، ماريلاند شىتاتلىرىدا ۋە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئىپتاردا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ جامائەتكە يوللىغان رامىزانلىق سالىمىنى يەتكۈزدى شۇنىڭدەك رابىيە خانىمنىڭ كولورادو شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئىپتار يىغىلىشىغا كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەر يىلى دېگىدەك ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىپتار پائالىيىتى بۇ قېتىم ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىپتارغا قاتناشقان ياشلار، ۋەتەندە داۋالىنىشتا قىينىلىۋاتقان بىر ياشقا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ 24 – ئاۋغۇست قەيسەرى شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قەيسەرىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى بىلەن كۆرۈشتى. 2009 – يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەيسەرى تۈركىستان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال سورىغان، ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ قەيسەرىگە كېلىپ قەيسەرى ۋالىيسى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى.

خىتاي ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭنىڭ قەيسەرى زىيارىتىدىن 4 كۈن كېيىن، يەنى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىگە كېلىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ گۈلنى 100 لىگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن 20 مىنۇت مۇڭداشقان.

سۆھبەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنى سوغات قىلدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئىتى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى مائارىپ – مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق باشقارما باشلىقى دوكتور مەھمەت يىلماز ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى يەنە تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى خەلقئارا ھەمكارلىق باشقارما مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور نىلاي باشاران خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئونسۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى سوراقخانىسىغا 4 كۈن قاماپ قويۇلغان ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا قويۇۋېتىلگەن

ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەسلەپتە ئونسۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراقخانىسىغا 4 كۈن قاماپ قويۇلغان ۋە قاتتىق سوراق قىلىنغان. سوراق جەرياندا ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىش جەريانى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ئېنىقلانغان؛ ھەم ئۇ، «چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈڭ» دەپ تەنقىدلىنىپ تەھدىتكە ئۇچرىغان.

ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇرېھىم ئاكا دەسلەپتە ياشلار مەيدانىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلغان، ئۇ مەيدانغا كەلگەندە، ئۆزىگە ھەقسىزلىق قىلغان مەيدان باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.

يېڭى تەيىنلەنگەن مەيدان باشلىقى ئۇنى ئىللىق مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالغان ۋە ئەرزىنى بىر ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئابدۇرېھىم ئاكا نۆۋەتتە، بىر ئايغىچە مەيدان باشلىقىنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئىجراسىنى كۈتمەكچى؛ ئەگەر يەنىلا ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئەرز ئۈچۈن 12 ‏- قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىنى باشلىماقچى.

28 – ئاۋغۇست ئەنقەرەدە، خىتاي ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2010 – يىلى دۇنيا چېمپىيونلۇق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى تۈركىيىدە داۋاملاشماقتا. 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي ۋاسكىتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى ئارەنا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشنى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. نامايىشقا خەيرۇللاھ ئەپەندى باشچىلىقىدا 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. خىتاي ۋاسكىتبول كوماندىسى تەنتەربىيىچىلىرى بىلەن خىتايلار ئارەنا تەنتەربىيە زالىغا كىرىشتىن بۇرۇن، قولىغا لوزۇنكا ۋە كۆكبايراقلارنى كۆتۈرۈۋالغان 50 ئەتراپىدا نامايىشچى شۇئار توۋلاپ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

لوزۇنكىلارغا › تەنتەربىيە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى، خىتاي نېمىنىڭ سىمۋولى؟ خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال‹ دېگەن شوئارلار يېزىلغان.

ئۈرۈمچىدە ›ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پاسپورت ئىشلەش‹ توختىتىلغان

رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تۈركىيىگە ئوقۇشقا ياكى تۇغقان يوقلاشقا بېرىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارغا ›ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پاسپورت ئىشلەش توختىتىلدى’دېگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھازىر باشقا جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ياكى پاسپورت كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.

پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ›نېمە ئۈچۈن توختىتىلدى‹ دەپ سورىسا، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇز شاكاراپى بىلەن زەھەرلەنگەن

يېقىندا ئۈرۈمچىدىن چەتئەلگە چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سېسترا، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەش جەريانىدا، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇشقا دوختۇرغا ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەم ئۇلارنى داۋالاشقا قاتناشقانلىقىنى، بۇ جەرياندا بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇز شاكاراپى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سېستىرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۆرەك، يۈرەك ھەم جىگەرگە ئوخشاش ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كاردىن چىققان، مۇسكۇل يىگلەش، سۆڭەك شالاڭلاشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبلىك پۈتۈن بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلاشقانلىقتىن ماغدۇرسىزلانغان بۇ بىمارلارنىڭ بەزىلىرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

ئەسلى بۇ بىمارلار 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، ساقچىخانىلاردا مەجبۇرى ھالدا كۆپ مىقداردا تۇز سۈيى ئىچكۈزۈلۈپ قىيىن ‏ – قىستاققا ئېلىنغانلار ئىكەن. بۇ ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، دوختۇرغا مەيلى ئۆزى كەلگەن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئەكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كۈچلۈك قامال قىلىپ كەلگەچكە، قىيىن – قىستاققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر توپلاشقا ئىمكانىيەت يوق، لېكىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان بەزى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇنياغا بار – بارا ئاشكارىلانماقتا.