2010.08.27

رابىيە قادىر خانىم «تاغ» كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسپېنگە يۈرۈپ كەتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتى ئەسپېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق «تاغ» كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئەسپېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان. فېستىۋال 26 – ئاۋغۇستتىن 29 – ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.

بۇ، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ ئىككىنچى قېتىم تاغ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. فىلىم بىرىنچى قېتىم كولورادو شتاتىنىڭ تېللۇرىد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

فېستىۋالغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە قىزى راھىلە خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان.

يەنە 2 گۇماندار ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتۇلدى

22 – ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېدكا بۆلۈمى 19 ‏- ئاۋغۇست ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە ئىككى گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان.

گۇماندارلار ئەسلى، ئاقسۇ شەھىرى سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا جايلاشقان بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، شۇ يەردە تۇتۇلغان. 22 – ئاۋغۇست يەنە «19 ‏- ئاۋغۇست پارتلىتىش ۋەقەسى» گە چېتىلىپ 2 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. خىتاي مەزكۇر خەۋەرلەرنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتماقتا.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى پارتلاشتىن كېيىن بىر قانچە ياردەمچى ساقچى خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن

ئاقسۇ ئېگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم ياردەمچى ساقچىلار خىزمىتىنى تاشلىغان.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك ساقچىخانىسىدىكى خادىم، پارتلاشتىن كېيىن، بىر كىشىنىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر ياردەمچى ساقچىنىڭ خىزمىتىنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەھەردىكى نەنچېڭ مەھەللە كومىتېتىنىڭ ساقچىخانىسىدىكى ساقچى خادىم، خىزمەت تاشلىغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەمما سانىنى ۋە سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

19 ‏- ئاۋغۇستتىكى پارتلاشتا ئۆلگەن 7 ئادەمنىڭ بىرى ياردەمچى ساقچى، ئۈچى چارلاش خادىمى ئىدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش پۇرسىتى قەيسەرى شەھەر باشلىقى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە ھازىرلانغان.

ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىنىستىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالىي رەھبەرلەر تەكلىپ قىلىنغان. زىياپەتكە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 5 ئۇيغۇرمۇ رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

سېيىت تۈمتۈرك زىياپەت جەريانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن. بۇ زىياپەت جەريانىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

ئىلھام توختى: ›مەن جەھەننەمگە يوللىنىشىم مۇمكىن‹

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مىللىي كەمسىتىشلەرگە قارشى مەيدانغا چىقماقتىن ئۆزگە تاللاش يولى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بارغانچە غەزەپلەندۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئاخىرىدا ئۆز بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر بۇ يەردىكى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك تىز ئۆزگەرمىسە مەن تۈگىشىمەن. بەلكىم مەن جەھەننەمگە يوللىنىشىم مۇمكىن. ئەمما پەرۋايىم پەلەك. بەلكىم بەزى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن ئۆزۈمنى ئاللىقاچان شۇنداق مۇھىتتا دېسەممۇ بولىدۇ» دېگەن.

ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەكنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىندى

ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا تۇتۇپ كېتىلگەن، 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا، 23 – ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىنگەن.

ئۇ، يالاپ ئېلىپ ماڭغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تۇرپاندا بىر مېھمانخانىغا چۈشكەندە، پۇرسەت تېپىپ سىرتقا چىقىپ، ئاقسۇدىكى پەرزەنتلىرىگە تېلېفون قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ئونسۇ ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئابدۇرېھىم ئاكا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئۇچۇردۇر.

بىڭتۇەننىڭ ئاقسۇدىكى 4‏ – پولكى ئەتراپىدا 100گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

بىڭتۇەننىڭ ئاقسۇدىكى 4‏ – پولكى ئەتراپىدا «5‏ – ئىيۇل ۋەقەسى»گە چېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، 100گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ خەۋەر «بىڭتۇەن ئۇچۇر تورى» دا ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تۇتقۇن قىلىش 5‏ – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەن ئاقسۇ 1‏ – دېۋىزىيىسى 4‏ – پولكى ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنى بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقانلىقى ۋە ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تۇتقانلىقى ئېنىق ئەمەس.

بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىتاي ئۆلكىسىگە ئىشلەشكە يۆتكەلگەن

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئىشلەشكە يۆتكىگەن.

«قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋەرلەر تورى»دا كۆرسىتىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن باشقا جايلارغا يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچى 310 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەلگەنلەر 60 مىڭدىن ئاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن يىلدىكى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجىياڭ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە- شەھەرلەرگە ئىزچىل ھالدا يۆتكىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ۋە «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى: ›پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۇيغۇرلار زىيانغا ئۇچرىمىدى‹

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە پاكىستاندا 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ.

پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر 14 مىليونغا يېقىن ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان، 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. 722 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى ۋەيران بولغان.