8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قەيسەرى شەھەر باشلىقى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالىي رەھبەرلەر قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.08.24

duq-heyiti-turkiye-bashministiri-bilen-3058 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﻴﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﻴﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ ئىپتار زىياپىتىگە رەسمىي تەكلىپ بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 5 كىشىمۇ قاتناشتى.

بۇ زىياپەت جەريانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىرغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالىمىنى ۋە رەھمىتىنى يەتكۈزگەن. بۇ زىياپەت جەريانىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ئىپتار زىياپىتىنى قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەرگەن بولۇپ زىياپەتكە 450 ئەتراپىدا كىشى رەسمىي تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.