2010.08.20
ئاقسۇ ئىگەچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىدار بولغان.
ۋەقە يېزىلىق ساقچىخانىدىن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چارلاش ئەترىتى 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلاردىن 4 نەپىرى ئۆلگەن، قالغانلىرى يارىدار بولغان.
پارتلىتىش ۋەقەسىدە، يول ئۈستىدە كېتىۋاتقان پۇقرالاردىنمۇ 3 ئادەم ئۆلگەن، يەنە بىر نەچچە كىشى يارىدار بولغان. يارىدارلار نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى، ئۈچتۇرپانلىق 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رابىيە قادىر: «ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى، 19 – ئاۋغۇست چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت ئىچكى- تاشقى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى» دەپ قايتا تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇر بەكرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا قاتتىق رەددىيە بەردى ۋە نۇر بەكرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭدىكى 84 ياشلىق ئەرزدار بوۋاي ئابدۇرېھىم موللەك تۇتۇپ كېتىلگەن
84 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي ئابدۇرېھىم موللەك بېيجىڭدا قولغا ئېلىندى. ئابدۇرېھىم موللەكنىڭ ئوغلى دادىسىنى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ساقچىلار بىلەن بېيجىڭ ساقچىلىرى ھەمكارلىشىپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېھىم موللەك ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ، بەرپا قىلغان 220 مو يەرنى يەرلىك پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى 1997 – يىلى تارتىۋېلىپ، خىتاي ئۆلكىسىدىن چىققان بىر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ، شۇندىن بېرى يېرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئاپەتتىن كېيىنكى ئۆي قۇرۇلۇشى غۇلجا دېھقانلىرىنى ھالسىراتماقتا
ئېلى ۋادىسىدا يۈز بەرگەن قار ۋە يامغۇر ئاپىتىدە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دېھقانلار مەبلەغ يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن ھالسىرىماقتا ئىكەن.
غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يازدا ئۆيلىرىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. نەتىجىدە نۇرغۇن دېھقانلار ئۆي قۇرۇلۇشنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.
توخوچىيۈزى كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ كەنتىدە ئاپەتتە نۇرغۇن ئۆيلەر زەخىملەنگەن بولسىمۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىگىنى ئۈچۈن دېھقانلار ئۆي يېڭىلاش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن.
خىتاي گەنسۇدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش پىلانىدىن تېنىۋالدى
يېقىندا گەنسۇنىڭ جۇچۈ ناھىيىسىدە لاتقا ئېقىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 1500 دەك ئادەم ئۆلگەن، 40 مىڭدەك ئادەم ئۆي -ماكانسىز قالغان ئىدى. گەنسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى لاتقا ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئەتىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق پىلانى بارلىقىنى رەت قىلدى.
ئارال توقايدا كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان ئۇيغۇرلار ياردەمسىز قالدى
بىر ئايدىن بۇيانقى يامغۇردا تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆرلەپ، دەريا ۋادىلىرىدىكى يۇرتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن تەھدىتى شەكىللەنگەن.
تارىم ۋادىسىدىكى ئارال توقايدا سەل ئاپىتى يۈز بەرگەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئاپەتتە قالغان خىتاي پۇقرالارنى جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا تېخىچە ياردەم بارمىغان.
ئارال توقاينىڭ 1 – دادۈيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان 6 – دادۈيدە ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ پەقەت ئاپەتتە قالغان خىتايلارنى يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ بولسا، شىددەتلىك كەلكۈندىن ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئاتۇش شەھىرىدە رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ھەققىدە بىر قاتار بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان
ئاتۇش شەھىرىدە رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ھەققىدە بىر قاتار بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. بۇنىڭدا، «رامىزان ئېيى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك ۋە چارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ئىدارە خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەش» قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.