پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەردە، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزمەكتە. روزا ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەرىكەت ئېيى، توقلۇق، موللۇق ئېيى دېمەكتۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.08.19

Turkiyede-iftar-105.jpgﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺟﺎﺗﻪﭘﻪ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

RFA Photo / Erkin Tarim
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 30 كۈن روزا تۇتۇش جەريانىدا شەھەر باشلىقلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، تونۇلغان زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىپتار زىياپىتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردىنى ئۇلارغا ئېيتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 18 – چېسلا قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ھويلىسىدا ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىپتار يېمىكىگە 1 مىليون نوپۇسقا ئىگە قەيسەرى شەھىرىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئۆزھاسېكى ئەپەندى، قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 450 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئىپتار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن شەھەر باشلىقى مەھمەت ئۆزھاسېكى ئەپەندىگە، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندىگە تون ۋە دوپپا كىيدۈرۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنى تەقدىم قىلدى.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەھمەت ئۆزھاسېكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.