ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن پەيتلەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ رادىئومىز دولقۇنلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مۇسۇلمان ئەھلى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.08.12
Obama-dewri-305ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 44 ‏ – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيى باشلانغان كۈنلەردە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس ئاي مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، «ئىسلام ئادالەت، تەڭلىك ۋە تەرەققىياتنى تەرغىپ قىلغۇچى ئۇلۇغ بىر دىن ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئوباما ئۆزى، ئامېرىكا خەلقى شۇنىڭدەك خانىمى Michelle غا ۋاكالىتەن، ئامېرىكىدىكى ھەمدە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رامىزانغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەن پرېزىدېنت ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: » رامىزان ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈدىغان، دوستلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان، تائاملاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئايدۇر.» ئوباما يەنە، ئىسلام دىنىنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىكى ئورنى بىلەن رامىزاننىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئوباما يەنە، ئاقسارايدا بۇ ھەپتە ئىچىدە بېرىلىدىغان ئىفتار ھەققىدە توختىلىپ «بۇ ئىفتارنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېدى.

شۇ كۈنلەردە يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن، رادىئومىز ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، باشقا ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ماس ھالدا ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.