8 – ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى سۇلتان قورغان مەھەللىسىدىكى «ئايەت» ئاشخانىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىننى د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى تەشكىللىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.08.11
200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.