2010.07.22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق، خىتاينىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن ھەرىكىتى بىر ئالدامچىلىق، بۇنى بۇرۇن ۋاڭ لېچۇەن قوللانغان، ھازىر جاڭ چۈنشەنمۇ قوللىنىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا بىر قانۇنلۇق مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ھازىرقى پەيتتە، خىتاي يەنە تەشۋىقات دەپ ئاتالغان ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارىتا ھۇشيار تۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.