2010.07.21

غەيرەت نىياز دېلوسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دوستلىرىدىن، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى سوتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى رىسالەت خانىم ھەم دوستلىرىنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ئېنىق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ،غەيرەت نىياز دىلوسى ھەققىدە ئېچىلىدىغان سوتنىڭ كىلەر ھەپتىگە كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر سائەت ئىلگىرى غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى رىسالەت خانىم بىلەن يەنە پاراڭلاشقانلىقىنى، رىسالەت خانىمنىڭ ئېرى غەيرەت نىيازنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، گەرچە ئۈرۈمچىدە غەيرەت نىياز ئۈچۈن بىر ئادۋوكات بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما غەيرەت نىيازنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئايالى رىسالەت ئىلھام توختىدىن غەيرەت نىياز ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئادۋوكات تېپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ غەيرەت نىياز ئۈچۈن ئادۋوكات ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەيرەت نىياز بۇلتۇر 9 – ئايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا ماقالە يېزىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەم چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا تەنقىدلىگەن. ئەينى چاغدا غەيرەت نىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى رايوندا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. غەيرەت نىياز ئۆز بايانلىرىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيرەت نىيازنىڭ قاراشلىرىغا نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەن. لېكىن مانا مۇشۇنداق كومپارتىيىگە سادىق بىر كىشىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىياز دېلوسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا غەيرەت نىياز دېلوسىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، مەتبۇئاتلارنىڭ ھەم تەشكىلاتلارنىڭ غەيرەت نىياز دېلوسىنى سىياسىلاشتۇرماسلىقىنى، غەيرەت نىيازغا نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، راست گەپ قىلالايدىغان ياخشى مۇخبىر، ئۆز ۋىجدانىنى يوقاتمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
غەيرەت نىياز ئەپەندى بۇ يىل 51 ياشتا بولۇپ، چۆچەك شەھىرىدىن. ئۇ 1982 – يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، خىتايدا تونۇلغان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىشخانا مۇدىرى، » قانۇن مەجمۇئەسى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. غەيرەت نىياز ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ئاكتىپ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. غەيرەت نىياز ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ھەم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، غەيرەت نىياز ئەپەندى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرەت نىيازغا ئوخشاش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.