ئەنگىلىيىنىڭ پۇل – مۇئامىلە گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى Richarda McGregor تەرىپىدىن يېزىلغان «پارتىيە: خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ مەخپىي دۇنياسى» ناملىق كىتابنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سېتىلىشى چەكلەنگەن. كىتاب ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كىتابنى چەكلەش ھەققىدە مەخسۇس ھۈججەت چۈشۈرمىگەن؛ بىراق ئىنتېرنېت نازارەت تېخنىكىسى ئارقىلىق مەزكۇر كىتابنىڭ خىتايدا كۆرۈلۈشىنى چەكلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.20
كىتابتا ئاساسلىق خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى مەخپىيەتلىكلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاپتورى بۈگۈن، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر كىتابنى چەكلىگەنلىكىگە ھەيران قالغانلىقىنى يەنى بىر دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ بىر كىتابنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىشىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر، دالاي لاما، 4 – ئىيۇن، شەرقى تۈركىستان، كۆك بايراق ۋە رابىيە قادىر قاتارلىق ئىسىم ۋە ئاتالغۇلارنى سەزگۈر سۆزلەر قىلىپ، خىتايدا ئىنتېرنېتتە كۆرۈنمەس قىلىپ قويغان.