2010.07.17
ئاقسۇ شەھىرى قوش «11 تۈرلۈك تۇزۇم» بەلگىلەپ» جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىگىلەش چارىسىنى يولغا قويغان
ئاقسۇ شەھىرى قوش » 11 تۈرلۈك تۇزۇم» بەلگىلەپ، » جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىگىلەش چارىسىنى يولغا قويغان. ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ «11 تۈرلۈك تۈزۈم» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەزكۇر ئەترەتتىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئايرىم – ئايرىم چىقىرىلغان.
تۇزۇمدە، ھەر بىر خىزمەتچى «ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندە 5 ئائىلىدە» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ھەر بىر خادىم » بىر نۇقتىلىق شەخس بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆزگەرتىش تەربىيىسى ئىشلەش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم غەلىتە كىيىنگەن ياكى ساقال – بۇرۇتلىرى ئادەتتىكىدىن پەرقلىق بىر ئادەمگە تەربىيە ئىشلەش» قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ خىل تۇزۇم ئاقسۇ شەھىرى ئاۋات مەھەللە كومىتېتىدا 7 – ئىيۇل رەسمىي يولغا قويۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەدبىرلەر » جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش» مەقسىتىدە ئېلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تۈزۈملەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەخسىيىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىكەن.
پاكىستاندا بىر ئۇيغۇر ئايال 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى
پاكىستانلىققا ياتلىق بولۇپ، پاكىستانغا يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر ئايال، قېيناكىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن 4 بالىسىنى ئېلىپ ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە ئۇ، 4 بالىسى بىلەن پاكىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە مۆكۈنۈپ تۇرماقتا.
مەزكۇر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىسىمى ئاسىيە بولۇپ، ئەسلى كورلا شەھىرىدىن ئىكەن. ئۇ، 15 يىل ئىلگىرى توي قىلىپ پاكىستانغا كەلگەن.
ئۇنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى 5 يىل بۇرۇن تىجارەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كېتىپ، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن يولدىشىنىڭ قېرىنداشلىرى ئاسىيەگە باشتا تاپا – تەنە قىلغان بولسا، كېيىن ئۇنى تىللاشقا ۋە ئۇرۇشقا باشلىغان. ئاسىيە 3 ئاينىڭ ئالدىدا قېيىناكىسىدىن بىر قېتىم ئېغىر تاياق يېگەندىن كېيىن، 4 بالىسىنى ئېلىپ قاچقان.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىدا خىتاي پاسپورتى بار ئىكەن. ئاسىيە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەن. ئۇ، نۆۋەتتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ھامىيلىقىدا جان ساقلىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 1016 جايدا » قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى باشلىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 1016 جايدا » قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى باشلىدى
خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاجراتقان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پىلان بويىچە تۇنجى يەسلى قۇرۇلۇشى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدا باشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 – يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەسلى مائارىپىنى » قوش تىللاشتۇرۇش » سىياسىتىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
مەزكۇر قۇرۇلۇشنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئانا تىلى يىتىلمىگەن سەبىيلەردە پسىخىكىلىق سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
2 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئۇچرىشىش يىغىنى 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئىستانبۇلدا باشلانغان ئىدى.
يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى، دىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
مۇزاكىرىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە تۇغۇلغان يۇرتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرى: «ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقى» نى پەرەز قىلماقتا
ئۆتكەن ھەپتە، نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە قولغا ئېلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر گۇماندار ئۆز ئىسمىنى مىكايىل داۋۇتقا ئۆزگەرتكەن ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر يېتەرلىك پاكىت توپلاش ئۈچۈن، مىكايىل داۋۇتنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتقان.
نورۋېگىيىدە چىقىدىغان ۋ گ ۋە داگبلادەت قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا، مىكايىل داۋۇتنىڭ ئەسلىدە نورۋېگىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى نورۋېگىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى قاتارلىق خىتايغا تەۋە ئورۇنلارنى پارتلىتىشىنى پلانلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، مىكايىل داۋۇتنىڭ ئادۋوكاتى، ئۇنىڭ پارتلىتىش پىلانى تۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان.
16- ئىيۇل خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلدىن، خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىقتىسادى مەسىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمى ۋە ئەھدىنامىلارغا رىئايە قىلىش جەھەتلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم 16 – ئىيۇلدىن باشلاپ خىتايدا 2 كۈن زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ جەرياندا مېركېل خانىم خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىساد ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ.
بۇ، ئانگېلا مېركېلنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغان 5 يىلدىن بېرى 4 – قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدۇر.
سىدىقھاجى روزىنىڭ «دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان مەكتۇپلار» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى
ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ «دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان مەكتۇپلار» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى. كىتابنى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلدى. بۇ كىتاب جەمئىي 308 بەت بولۇپ، كىتابقا كىرىش سۆزدىن باشقا 33 پارچە مەكتۇپ كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتاب، 1999 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە ئاپتور سىدىقھاجى روزى ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىدىن كلىنتون، جورجى بۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يازغان مەكتۇپلاردىن تەركىب تاپقان.
كىتابقا يەنە، 2007 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى پرېزېدېنت جورجى بوش چىخ جۇمھۇرىيىتى پايتەختى پراگا شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىدىق ھاجى روزى بىلەن رابىيە قادىر خانىم ئاقسارايغا يوللىغان 14 ماددىلىق خەتمۇ كىرگۈزۈلگەن.
19- ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ. يىغىننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دىركسېن ئىشخانا بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئۈرۈمچى نامايىشى» يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى مۇنازىرە قىلىنىدۇ.
مۇنازىرە يىغىنىغا، دۆلەت مۇداپىئە، كىشىلىك ھوقۇق، سودا – مۇئامىلە ۋە ئاسىيا بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا جۇغراپىيە تەتقىقاتچىلىرى قاتنىشىدۇ.
غۇلجىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
غۇلجىدا ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 3 ئۇيغۇر يارىلانغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر ھەپتە ئىلگىرى غۇلجا خەنبىڭ يېزىسىنىڭ ساقچىلىرى مەزكۇر يېزىدىكى » ئالتۇن ئالما ئاشخانىسى» دا ئادەم تۇتقان. بۇ جەريانىدا ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۇرغان.
ئاشخانا سىرتىدا تۇرغان نەچچە ئون ئۇيغۇر بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان. غەزەپكە كەلگەن ئۇيغۇرلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆرۈۋەتكەن. توقۇنۇشتا 9 ئادەم قولغا ئېلىنغان، 5 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئەتراپتىكى بارلىق كوچىلارنى قاتتىق قامال قىلغان.
بۇ، 2009- يىلىدىكى » 5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى جىددىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.