2010.07.16
بۇ، تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە خانىمنى تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشى ئەمەس. ئۇلار بۇرۇن رابىيە خانىمنى بىر قانچە قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزسە، ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، راھىلە خانىم 19 – چىسلا تەيبېيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن ھەم تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. ئۆتكەن يىلى تەيۋەن گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى»نى فېسىتىۋالغا قاتناشتۇرۇپ،بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.