2009- يىلىدىكى «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى.
4- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۈر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فرانسىيە پايتەختى پارىژغا يىغىلىپ » 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
نامايىشقا 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى. ئۇلار ياۋروپادىكى گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن فرانسىيە پايتەختى پارىژغا يىغىلدى. نامايىش پارىژدىكى ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ 4- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى توكيودا نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
«5- ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ بىر يىللىقى بىلەن خىتايغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلار يەنە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە شىۋېتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
5- ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نامايىشقا ئۇيغۈر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يىتەكچىلىك قىلدى.
«5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيىلەردىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىمۇ «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئاقساراي ئالدىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
پائالىيەت كۆرگەزمە شەكلىدە 5- ئىيۇل ئاقساراي ئالدىدىكى باغچىدا باشلانغان ئىدى. پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرگەزمىگە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە ئائىت 400 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت قويۇلغان. سۈرەتلەرگە ئىنگلىز تىلىدا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
بۇ پائالىيەتنى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ، مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ئامېرىكا: » خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەملا ئەمەس، مۇھىمى قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 6- ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 5 – ئىيۇلدىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئېلىشقا چاقىردى.
كومىتېت يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 5- ئىيۇلدىن كېيىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
كومىتېت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەرەققىيات پىلانلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارغا يالغۇز ئىقتىسادىي ياردەملا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى رايوننىڭ ئىشلىرىدا قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا ئىلگىرىكى تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان. دوكلاتتا خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلەردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى تەشەببۇس قىلىنغان.
تۈركىيە پارلامېنتىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە مىللەتچى پارتىيە ۋەكىللىرى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن 5- ئىيۇل تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېچىلدى. يىغىننى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت ئەكىچى، مەمەت شاندىر ۋە ئاتىللا قايا ئەپەندىلەر چاقىردى.
پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەكىچى ئەپەندى مۇنداق دېدى: » بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قورال كۈچى ئىشلىتىشىنى توسۇشقا چاقىرىمىز. »
مەمەت ئەكىچى ئەپەندى يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى
6- ئىيۇل تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ۋە مەمەت ئەكىجى ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3 – چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىدۇر.
مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى TRT 3- قانالىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر چېقىلماقتا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى چېقىلىپ، ئۇيغۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. مەزكۇر مەھەللىلەر «سۇ، توك ۋە تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشمىگەن» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن چېقىلغان.
شىنخۇا تورىدا كۆرسىتشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايوندىكى كونا ئۆيلەر چېقىلىپ، تەخمىنەن 200 مىڭ ئاھالە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، چېقىش ۋە كۆچۈرۈش 5 يىل ئىچىدە تاماملىنىدىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان «خېيجاسەن» يەنى «تاشبۇلاق» مەھەللىسىدىكى 1500 ئائىلە بۇ يىل يازدا كۆچۈرۈلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى قەدىمىي قەشقەردىمۇ چېقىپ-يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ-يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ 2009- يىلدىكى » 5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يولغا قويۇلۇشى كۆزەتچىلەرنى ئەجەپلەندۈرمەكتە.
ئىلھام توختى «5 – ئىيۇل»نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا سۆز قىلدى
بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوتسېنت ئىلھام توختى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام توختى سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا، «ھۆكۈمەتكە ، ئارمىيىگە، ساقچىغا ۋە خەنزۇلارغا ئىشەنمەسلىك» كەيپىياتىنىڭ ھۆكۈم سۈرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، 5 – ئىيۇلدا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى، ئەمما 5 – ۋە 7 – ئىيۇللاردا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت خەۋەر قىلىنمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئۇ، بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ھەققىدە توختىلىپ، : «شىنجاڭدىكى مەسىلە، پۇل كەملىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۇلنى نەگە ئىشلىتىش ۋە پۇلنى قانداق بۆلۈشۈش مەسىلىسى » دەپ كۆرسەتكەن.
ئىلھام توختىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى خىتاي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قىلىنماقتا.
ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى رەڭگى ۋە دەرىجىسى ئوخشاشمايدىغان «ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» تارقاتقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە تارقىتىلغان ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى 3 خىل بولۇپ، بىرىنچىسى ئۈرۈمچىدە «ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ئىككىنچىسى»قىسقا مۇددەت تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ئۈچىنچىسى «ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئالدىنقىسى كۆك رەڭلىك، ئىككىنچىسى يېشىل رەڭلىك، كېيىنكىسى قىزىل رەڭلىك ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە نۆۋەتتە 520 مىڭدىن ئارتۇق ئاقما نوپۇس ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، رەڭلىك ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىلىرى بۇلارنى باشقۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان قانۇن ماقۇللىغان ئىدى.