2010.07.07
رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، 5 – ئىيۇل نامايىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ شاۋگۇئەن قانلىق ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلىش، ۋە خىتاينىڭ 60 يىللىق تەڭسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىي ھەركەت. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ كۈنى قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن؛ ھەتتا ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا 5 يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ چىققان؛ نامايىش باشلانغاندا نامايىشچىلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق بىر زوراۋانلىق قورالى بولمىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تامامەن مۇمكىن بولغان بىر نامايىشنى زوراۋانلىق بىلەن توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغان؛ شۇڭا 5 – ئىيۇل كۈنى ئۆلگەن ھەر ئىككى مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى.
رابىيە خانىم نامايىش كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلاش ۋە جازالاش يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقنى سۆزلەش ۋە ھەقنى تەلەپ قىلىش جاسارىتىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ 60 يىلدىن بېرى نەتىجە بەرمىگنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى، قىسقىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى، يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى:
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە ھەر ئىككى مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرماتقا. ئەمما، كېيىنكى ۋەقەلەردە زوراۋانلىق قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ھازىرغىچە جازالىنىشتىن خالىي تۇرماقتا؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى سوراق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا رابىيە خانىم زوراۋانلىق قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جازالىنىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، 5 – ئىيۇل كۈنى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچىلارنىڭ ۋە ئۇلارغا ئوق باستۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەن دائىرىلەرنىڭ چوقۇم سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى خەلقئارادىكى ئالاقىدار سورۇنلاردا تەكىتلەپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.