2010.07.06

ئۇ مەتبۇئات باياناتىدا 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خىتايدىكى بىر زاۋۇتتا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قىزلارنى ئۆلتۈرگەن خىتايلارنى، دۆلەتنىڭ تېپىپ جازالاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا كۆپ ساندا بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەكىچى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا قىلغانلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاينىڭ زوراۋانلىق بىلەن قورال كۈچىگە تايىنىپ، ئۇلارنى باستۇرۇشىنى ۋە ئادىل سوتلىماستىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قوراللىق كۈچ قوللىنىشىنى توسۇشقا چاقىرىمىز. خىتايدىن شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتايدا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان دۆلەت تېررورىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
مەمەت ئەكىچى ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىدا ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى 2009 – يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى جەريانىدا بولغاندەك خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلا بولسا، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەمدە تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىققانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا روھىي جەھەتتىن كۈچ قۇۋۋەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مەتبۇئات باياناتىدا خىتايدىكى دۆلەت تېررورىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتى ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ چىدىغۇسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستاندا 5 – ئىيۇل ئەنسىزلىكى داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر كېلەچەكىدىن ئەنسىرىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ قونچاق ھۆكۈمىتى رايوندا دۆلەت تېررورى يۈرگۈزمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي 1980 – يىلىدىن كېيىن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم قالايمىقانلىق پەيدا قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. پۈتۈن دۇنيا بۇلارنى كۆرۈشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر نەرسىلەر قىلىشى كېرەك. بۇ مەزلۇم داۋا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ چىقىلىشى كېرەك. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز ۋە بۇ داۋانى قىلىۋاتقانلارغا رەخمەت ئېيتىمىز».
ئۇ مەتبۇئات باياناتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى مۇخبىرلارغا تونۇشتۇردى.
كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغۇچىلاردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ مىللى داۋاسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە قىلغان ياردىمىنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. بىر مۇخبىرنىڭ «ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى ھەي ‘ئىتىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى؟» دېگەن سوئالىغا، پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەكىچى ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، بەلكى بىزنىڭ ھەقىقەتنى ئۇ يەردە كۆرۈپ قېلىشىمىزدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.
يەنە بىر مۇخبىرنىڭ «رابىيە قادىر خانىم نېمە ئۈچۈن تېخىغىچە تۈركىيىگە كېلەلمىدى؟» دېگەن سوئالىغا، مەمەت ئەكىچى ئەپەندى «بۇ سوئالنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن سوراڭلار» دەپ جاۋاب بەردى.
خىتاي تۈركىيىگە شۇنچە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىچىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 3 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.