2010.07.02
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلي پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مائىك پوزنېرنىڭ شۇ كۈنى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە ئىقتىساد – ئىستراتېگىيە سۆھبىتىدىن مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كۆرۈشۈش «5 - ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىغا توغرا كەلگەن ئىدى. شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان بولۇپ، رابىيە خانىمنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يوقلۇقى دىققەت قوزغىغان ئىدى.
تەرەپلەر دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كۆرۈشۈشتە سۆزلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ دېتاللىرىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كرولينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مائىك پوزنېرنىڭ «خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسى ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.