فرانسىيىنىڭ ناڭتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلتىيىغا، ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئىشتىراك قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.07.01
Alim-seytof-Rabiye-Qadir-Oslo-Erkinlik-yighinida-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 2010 – ﻳﯩﻠﻰ 16 – ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.

www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
27 ‏- ئىيۇن كۈنى فرانسىيىنىڭ ناڭتا شەھىرىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيىسى قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىشىدا، ‏4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۈر قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شېرىن ئەبىدى خانىم ئالاھىدە شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى، يىغىنغا رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قاتناشتى.

ناڭتا شەھىرىنىڭ باشلىقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇردى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ سىڭلىسى پىما خانىم ھەمدە دالاي لامانىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلىرىدىن بولۇپ 2500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ناڭتا شەھىرىدە تۇرۇپ، تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن سۆزىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىغانلىقى سەۋەبىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي ئۈچۈن ھازىرلانغان يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان نۇتىقىنىڭ مەزمۇنىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزگەن.

قۇرۇلتايدا يەنە، گېرمانىيىدىكى مەشھۇر ئاخباراتچى سېلۋىيە خانىم تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سېلۋىيە خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۈر قۇرۇلتاي، 2013 ‏- يىلى ئوخشاشلا يەنە ناڭتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ناڭتا شەھىرى فرانسىيىنىڭ پارىژدىن قالسا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جايلاشقان ئەڭ چوڭ سىياسىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.