ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.06.27
2010.06.27
مەزكۇر پائالىيەتكە پايتەخت ئەتراپىدىكى شىتاتلار ۋە نېۋجېرسى قاتارلىق باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى قاتنىشىپ، ئۆز – ئارا ئۇچراشتى. پائالىيەتنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، 26 – ئىيۇن ۋە 5 – ئىيۇل ۋەقەلىرىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى باغ سەيلىسى پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان يېمەكلەر ھەم بىر قىسىم ئائىلىلەر ئېلىپ كەلگەن تارماقلارغا ئېغىز تېگىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ باغ سەيلىسى قىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى يىلدىن – يىلغا موللاشماقتا. مەزكۇر جەمئىيەتلەر يەنە 5 – ئىيۇل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئېلان قىلغان.