2010.06.23

بىزگە مەلۇمات يەتكۈزگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ سانلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئارتۇقلۇقىنى بايان قىلماقتا، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە «5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ھەم ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ «دەپ بايانات بەرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى، بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا پەۋقۇلئاددە كۆپەيمەكتە. تۈرلۈك خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يېقىندا گوللاندىيىگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنىكى خىتاينىڭ باستۇرۇش قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھەم قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھال ئەھۋاللىرىنى پاش قىلدى.
بۇ ئۇيغۇر ياش پاش قىلغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، دەسلەپ ئۈرۈمچى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بىر خىتاي خادىم 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ھەر بىر مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇل ئادەم قويغانلىقىنى، نوپۇس تەۋەلىكىگە ئاساسەن تەۋەلىكتىكى باشقۇرۇش ئورنىدىن خەت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، پەقەت ھەر بىر مەھەللىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان «مەسچىت باشقۇرۇش پونكىتى» دېگەن ئىدارىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا توغرا كېلىدىكەن.
بىز ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق مەسچىتلەرنىڭ ئىش باشقۇرۇش پونكىتىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. بىر مەسئۇل خادىم، بۇلتۇردىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ 5 – ئىيۇل جىنايەتچىلىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە دائىر مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ساقچى ئىدارىسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىدىن بېجىرىدىغانلىقىنى، ئەگەر رەسمىيەت تولۇق بولسا، دەپنە ئىشلىرىنى داۋراڭ سالماي، باشقا قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىق شەرتى بىلەن مەسچىتلەردە ناماز چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تەرىپىدىن 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ياكى جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى سىلەرگە سۇندۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.