ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.18
2010.06.18
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە يەنە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مۇستافا جەمىلىفمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
كۆركۈمگۈل مۇكاپاتى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى رابىيە قادىر ۋە مۇستافا جەمىلىفلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، بۇ يولدا كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە ئىش – ھەرىكىتى ئۈچۈن نامزاتلىققا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئورگانلار يالغۇز ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئەمەس. گوللاندىيە تۈرك ئاكادېمىك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى رابىيە خانىمنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئورگانلارنىڭ بىرىدۇر.