2010.06.17

ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ، 2010 - يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا مەنسۇپ بولدى. مەزكۈر مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن 5 - قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ھېسابلىنىدۇ.
Societa Libera يەنى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن كەلگەن كەنجى قىزى قېقىنۇس خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئۆمەر قانات ھەمدە ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر لۇكا ئۆلكىلىك پارلامېنت رەئىسى شتافان بۇچالى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى. لۇكا ئۆلكىلىك پارلامېنت، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، پارلامېنتنىڭ رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن ئاتىغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى قېقىنۇس خانىمغا بەردى.
ئامېرىكىنىڭ George Town Universiti دا پەلسەپە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېقىنۇس خانىم، رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقىتتا، ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن گۆدەك بىر كىچىك قىز ئىدى، ئانىسىنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا » ئانىمىز گۇناھسىز» دەپ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئاتلانغان قېقىنۇس، ھازىر 18 ياشقا تولغان، ياش ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىگە ئايلاندى.
قېقىنۇس خانىم، لۇكا پارلامېنت ئەزالىرىغا رابىيە خانىمنىڭ نۇتىقىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئانىسىغا ۋاكالىتەن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مۇراسىمدىن كېيىن تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قېقىنۇس خانىم، ئۆزىنىڭ كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى مۇكاپاتلىغان لۇكا پارلامېنتىنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىدىن پەخىرلەنگەن، شۇنىڭدەك رابىيە خانىمنىڭ قوش مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتمۇ ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈردى.
ئىتالىيىدىكى Societa Libera تەشكىلاتى يەنى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى، بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا «ئەركىنلىك» نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى، رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم ھازىرغا قەدەر، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىغا مۇيەسسەر بولغاندىن سىرت، دۇنيا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.