2010.06.04
رابىيە خانىم ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ Stanford ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ «5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
دوكلاتنى بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئادەم ئاڭلىدى. رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى، ھازىرغا قەدەر مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى رېن پوچى ئەپەندىمۇ قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىم ۋە رېنپوچى ئەپەندىلەر، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غۇلجىنىڭ تۆپەدەڭ مەھەللىسى ۋە چاپچالنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدا دىنىي زاتلار تۇتقۇن قىلىنغان
غۇلجىنىڭ تۆپەدەڭ مەھەللىسى ۋە چاپچالنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە مۇساجان قارىم قاتارلىق ئىككى زات ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە چاپچال ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان.
ۋەقەدىن خەۋەردار بىر غۇلجىلىق خانىم، ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە مۇساجان قارىملارنىڭ تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈلگەنلىكى، لېكىن ھازىر قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇساجان قارىم بىلەن ئابدۇرېھىم قارىھاجى قوغۇنچى يېزىسىدىكى بىر پارنىكنىڭ ئىچىدە شۇ يېزىدىكى بىر قىسىم جامائەتنى توپلاپ تەبلىغ سۆزلىگەن، ئىسلامدىكى ئاياللار مەسىلىسى ۋە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئابدۇرېھىم قارىھاجى بىلەن مۇساجان قارىمنىڭ كىشىلەرنى «دىنغا مەجبۇرلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 60 لاردىن ھالقىغان ئابدۇرېھىم قارىھاجىم ۋە 40 ياشلارنىڭ قارىسىدىكى مۇساجان قارىم بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەقە مۇساجان قارىمغا ناھايىتى ھار كەلگەن ۋە ئۇ قوغۇنچى يېزىسىنى تاشلاپ باشقا يېزىغا كۆچۈپ كەتكەن.
ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن سۆھبەت
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس بوۋىڭدون ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى، مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئورتاقلىقى ھەققىدە توختالدى.
گاردنېر بوۋىڭدون مەزكۇر كىتابىنى «ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆچۈپ كېلىشى سەۋەبىدىن 1949 – يىلدىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تۈركىي ۋە مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاز سانلىققا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مەيلى تىل ۋە مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھېچ نەرسىسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلاردا ئاپتونومىيە يوق. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ نامىدا‘ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى’ دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولمىش بۇ زېمىندا، بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان پۇرسەت بېرىلمىگەن. شۇڭا مەن، بۇ قايغۇلۇق رېئاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى تاللىدىم.»
گاردنېر بوۋىڭدون ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسېنتى. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىدۇ. بوۋىڭدون ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچە رومان، شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشىنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنى 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە «ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىغىنغا 16 دۆلەتتىن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى قاتناشتى.
بۇ يىل پىداكارلىقنىڭ ئۈلگىسى مەمتىلى توختاجى ۋاپاتىنىڭ 73 – يىللىق خاتىرىسى
بۇ يىل 30- ماي، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى مەمتىلى توختاجى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 73 – يىللىقى.
ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى 1901 – يىلى ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
شائىر مەمتىلى توختاجى 1926 – يىلى كۈزدە تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇلدىكى بىر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان ۋە ئۇ بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل شەھەر ئەتراپىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەقەززا بولغان شائىر مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى 1932 – يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ۋە 1933 – يىلدىن ئېتىبارەن يۇرتى ئاتۇشتا يېڭى مائارىپنىڭ تەشۋىقات ۋە تەشكىلىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرى ۋە يېزىلاردا جەمئىي 24 مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
1937 – يىلى ئاپرېلدا مەمتىلى ئەپەندى دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى 30-ماي، شائىر مەمتىلى توختاجى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ ئوت يۈرەك پەرزەنتىنى يىللاردىن بېرى ھەرخىل شەكىللەردە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەت، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى مەيداندا ئېلىپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە 3 كۈنلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يەنە بىر ھەپتىگە ئۇزارتىلغان.
پائالىيەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرى ۋە ھەر خىل يېمەك – ئىچمەكلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
«مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى» مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
شۋېتسىيىدىكى «مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى» مەۋسۇم ئاخىرلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەتكە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئۆزبېك جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۇ خىلدىكى پائالىيەت مەۋسۇم ئاخىرىدا ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. «مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى» بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مەكتەپ سىرتىدا قالغان بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شۋېتسىيىدىكى «مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى» 4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئانا تىل مەكتەپلىرىدىن بىرىدۇر.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەيۋەندە ئويۇن قويدى
30- ماي، «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2010 – يىللىق «يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ نومۇر كۆرسەتتى. فېستىۋالغا موڭغۇلىيە، ئىران ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.
«يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالى» 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن، 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. فېستىۋالدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلگەندىن سىرت، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىنىدىكەن.
لېكسىيىنى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتۇر رېيچېل خارىس خانىم سۆزلەيدىكەن.
مەزكۇر فېستىۋالغا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا ۋاكالىتەن رەھىمە خانىممۇ قاتناشقان.