ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.06.03
2010.06.03

RFA Photo / Eqide
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى تەرەققى قىلىپ، مەكتەپكە كېلىپ دەرس ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى دەسلەپكى 30 دىن ھازىر 70 گە يەتكەن.
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى بولسا، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى تراگېدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تەسىرلىك سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاپ 600 كىشىلىك تىياتىرخانىدا كۆرسىتىپ، گېرمان خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.
بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە خانىم ھەمدە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇلنار خانىملارنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ئىككى كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىگىلىدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.