ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم مەشھۇر خەلقئارالىق فېستىۋال- تاغ كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋال، كىشىلەرنى دۇنيادىكى قەدىمىي مىللەتلەر، قەدىمىي مەدەنىيەتلەر، قەدىمىي شەھەرلەر، قىممەتلىك ھايۋانلار ۋە تەبىئىي مۇھىت قاتارلىقلارنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.05.28
Tagh-Kino-Festiwalida-Muhebbetning-10-sherti-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ›ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ‹ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻝ – ﺗﺎﻍ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

www.mountainfilm.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
فېستىۋال 1979 ‏- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىنىڭ Telluride شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. 27‏ – مايدىن 30 ‏- مايغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى فېستىۋال بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىدە.

بۇ فېستىۋالغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى زۇبەيرە خانىم ۋە رابىيە خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.