خىتاي بۈگۈن، يىللاردىن بۇيان تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەرنىڭ بازىسى دەپ قاراۋاتقان گاۋڭۇڭ شەھىرىگە، ئۆزىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى چېن يۈنلىڭنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.26
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى چيۇ يى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ›بۆلگۈنچى‹ دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان دالاي لاما بۇ شەھەردە قىزغىن قارشى ئېلىنغان، ›ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان بۆلگۈنچى‹ دەپ جاكارلىغان رابىيە قادىر تەسۋىرلەنگەن كىنو فىلىمىمۇ بۇ شەھەردە قويۇلغان ۋە ئالقىشلانغان، ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ مىڭچىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنى قورشىۋېلىپ قاتتىق دۆشكەلەپ، يىقىتىپ ئاۋارە قىلغان ئىدى.