2010.05.21

رابىيە خانىم ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىغا 2000 - يىلىدىن باشلاپ غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىيات بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى زورايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى «كونا چاقىرىقنىڭ يېڭى شۇئار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى» دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «جاڭ چۈنشەننىڭ تەيىنلىنىشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە دەپ قارالغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش چاقىرىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ھېچقانداق يېڭىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت. شۇنىسى ئېنىقكى، شەرقى تۈركىستاندىكى 3 خىل رەزىل كۈچ: «خىتاي شوۋىنىزمى، كومپارتىيە زوراۋانلىقى ۋە كوممۇنىزم بۇزغۇنچىلىقى»دىن ئىبارەتتۇر.
رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى يوق؛ ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆز تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بولسىلا، شەرقى تۈركىستاندىكى تالان-تاراج توختىسىلا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە چارە تېپىلغان بولىدۇ. رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىنمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باش قاتۇرىشىغا ئېھتىياجى يوق، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىلا، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۆزلىكىدىن ھاسىل بولىدۇ.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە، ئىنتېرنېت مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان؛ ئۇ بۇ ھەقتە ئىنتېرنېت ئەسلىگە كەلگەن بىلەن، تاقالغان چاغدا پەيدا بولغان جاراھەتلەرنىڭ تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى؛ يەنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى تاقىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆرسىتىشىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، خالىغانچە تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنىڭ بىر پاكىتى سۈپىتىدە، قورغاس ناھىيىسىدە تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
رابىيە خانىم يەنە، ئىنتېرنېت ئەسلىگە كەلگەن بىلەن، خەلق ئىچىدە تونۇلغان دىيارىم ۋە شەبنەم قاتارلىق مەشھۇر تور بەتلەرنىڭ تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى، دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز، نۇرئەلى، ئوبۇلقاسىم ۋە مەمەت تۇرغۇن ئابدۇللا قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ تېخىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. رابىيە خانىم نۆۋەتتىكى ئىنتېرنېت ئېچىۋېتىلىشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سەمىمىي بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىن پىكىر بايان قىلالايدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى، يەنى، تۇتقۇن قىلىشلار توختىشى ۋە تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار قويۇۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قەدىمى بېسىلغان بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.