دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر 5 – ئاينىڭ21 – كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى ئەزاسى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.21
Duq-heyiti-yaponda-yapon-sabiq-bash-ministiri-Shinzo-Abi-bilen-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ21 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻟﯩﺒﯧﺮﺍﻝ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺋﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.

RFA Photo / Erkin Tarim
ئىككى تەرەپ، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى مەركىزىدە ئېلىپ بارغان بىر يېرىم سائەتكە يېقىن ئۇچرىشىشتا ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بۈگۈن توكيودا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، ھەيئەتنىڭ ياپونىيە زىيارىتى 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.