ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.05.21

«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تاغ فىلىم فېستىۋالى» دا قويۇلىدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم – «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تاغ فىلىم فېستىۋالى» ناملىق فېستىۋالدا قويۇلىدۇ.

باش شتابى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىغا جايلاشقان «تاغ فىلىم فېستىۋالى» گۇرۇھى بىر مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالىدۇر. فېستىۋال تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» 28 – ماي ۋە 31 – ماي 2 قېتىم كۆرسىتىلىدىكەن.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغان ۋە ئاۋسترالىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» يەنە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان «گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالى» ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئېچىلغان فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلغان ئىدى.

«5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غۇلجا دادامتۇ يېزىسىدا 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا 40 قا يېقىن ئۇيغۇرنى دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئالغان. يەرلىك ئاممىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنى ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. دائىرىلەر بولسا قولغا ئېلىنغانلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

سۇلتان تۇرسۇن، غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 3 بالىسى بار. ئۇ، مەدەن تاش ئېلىپ -سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ 10 كۈندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇلاستاي ۋە بۇلاق دادامتۇ كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 40 دەك ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان.

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى» تاقىلىپ قالدى

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» تەرىپىدىن ئېچىلغان «ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى» بۇ يىل 3 – ئايدا تاقىلىپ قالغان. مەكتەپ، بۇلتۇر 3 – ئايدا، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن ئېچىلغان ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تېزلىكتە كۆپەيگەن ئىدى.

مەكتەپنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدا پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆپ رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندا باشقا بىر مەكتەپ ئاچقان ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى بۇ مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

نۆۋەتتە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئەپەندى، » ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى» نى قايتا ئېچىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

«دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىشى» تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلدى. پائالىيەتكە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى.

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ ئېسىلغان. كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنغان.

تۈركىيىنىڭ نېھدە شەھىرىدە «تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، تۈركىيىنىڭ نېھدە شەھىرىدە «تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى نېھدە ئۇنىۋېرسىتېتى كىتاب كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ تۈركىيىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

ئاخىرىدا كىشىلەر، سېيىت تۈمتۈركتىن بەس – بەس بىلەن سوئال سورىغان. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان. يىغىنغا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلدى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» 17 ‏- ماي بېيجىڭدا ئېچىلغان. 3 كۈن داۋام قىلىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن دوكلات بەرگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ «شىنجاڭدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەرەققىيات يولىنى بەلگىلەش، شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىلگىچە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى باشقا ئۆلكىلەرگە يېتىشتۈرۈش» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» پىلانى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال مەركىزى ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

دەل مۇشۇ پەيتلەردە، مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنگە قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. تەشكىلات خېتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان چەكلىمىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ «ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى

ئامېرىكىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ «ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى كولومبىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، كىتابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيانقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ چىقىلغان.

ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، «بەزى چەتئەل ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى مۇسۇلمان تېررورچىلىقى دەپ سۈرەتلەپ، بۇنى دۇنيا تېررورلۇق تورىغا چېتىشقا ئۇرۇنغان.» ھالبۇكى گاردنېر بوۋىڭدون بۇ خىل پەرەز لەرنىڭ «ئاساسى ئاجىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى تارقاقلاشتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلى قاراماي شەھىرىدىن ئىنكاس قىلىشىچە، قاراماي شەھىرىنىڭ 40 ‏- رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى تارقاقلاشتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

بۇ مەھەللە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن نوپۇسسىز ئۇيغۇرلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مەھەللىدە ئاساسلىقى قارىماي شەھىرىدە كاۋاپچىلىق، قاسساپچىلىق ۋە كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان.

قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر مەھەللىنى قارىماي شەھىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قاراپ، مەھەللىنى تارقاقلاشتۇرۇش قارارىنى ئالغان. ئوخشاش ۋەقە ئۆتكەن يىلى «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

ئۇلۇغ ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى قازاقىستاندا نەشر قىلىندى

يېقىندا ئالماتادىكى «مىر نەشرىياتى» ئاتاقلىق ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى كرىل يېزىقىدا نەشر قىلدى. بۇ شېئىرلار توپلىمىنى دوكتور رۇسلان ئارزىيوف نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچ چىقارغان.

كىتابقا شائىرنىڭ بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلىرىدىن باشقا، شائىرنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان بىر قىسىم شېئىر ۋە نەسىرلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئەسەر قازاقىستاندىكى كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئىلھام توختىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىلمىي يىغىنلارغا بېرىشىنى چەكلىدى

«ئۇيغۇر بىز» تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى 18 – ماي خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلغان ئىلمىي يىغىنلارغا بېرىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

تور ئەھلىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلغان ئىلمىي يىغىنلارغا بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە،  يېقىندا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئالىي ۋەكىلى كاسېرىن ئاشتوننىڭ ئىلھام توختى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ۋېنگرىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چەتئەللەرگە بېرىشىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.