2010.05.17
فېستىۋال تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» 28 – ماي ۋە 31 – ماي كۈنلىرى 2 قېتىم كۆرسىتىلىدىكەن.
فېستىۋال تەشكىللىگۈچى كىنو بۇرنس، مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىدا پەقەت دۇنيادىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋەقە ۋە شەخسلەرگە ئائىت ئىشلەنگەن ئەھمىيەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان ۋە ئاۋسترالىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.
«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» يەنە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان «گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالى» ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئېچىلغان فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلغان ئىدى.