2010.05.14

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت 14 – نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاساسى مەسىلە ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلدۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا تۇتقان بولۇپ، ئۇ ئىككى كۈندىن بېرى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بەزى غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ بىر قانچە ھەپتىلەردىن بۇيان پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئۆزلىرىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە زىيارەتلەردە بولۇپ، پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق 2009 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئائىت دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قېيىن ئەھۋالدا قالدۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر پاكىتلار بىلەن خىتاي تەرەپنى يەنە بىر قېتىم مۈشكۈل ۋەزىيەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ جەنۋەدىكى بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ب د ت 14 – نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قەدەر غەرب دېموكراتىك ئەللىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان دىققىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جىددىي بىر مەسىلە ھالىغا كەلتۈرۈدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 – ئىيۇلدىن كېيىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفۇن ئالاقىسىنىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈۋېتىلىشى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر قامال قىلىنىشى، نۇرغۇنلىغان تور بەت مەسئۇللىرى ھەم توردا پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، 5 – ئىيۇلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىلىرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلار كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.