ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.05.14

رابىيە قادىر خانىم ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە دوكلات بەردى

13 ‏- ماي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مىسسورى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

يىغىن، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Randell Shriver تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا پروفېسسور ۋە ماگىستىرلار قاتناشقان.

رابىيە قادىر خانىم، ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر خانىم – قىزلار «ئانىلار كۈنى»نى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، 9 ‏- ماي «خەلقئارا ئانىلار كۈنى»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى فائىرفاكىس شەھىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان ئانىلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى . ئۇ يەنە، ۋىرگىنىيە شتاتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئاتا ‏- ئانىلارغا رەھمەت ئېيتتى.

مۇراسىمدا «ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىملىرىگە بايراملىق گۈل تەقدىم قىلدى. خانىم – قىزلار ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، ئىقتىساد مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مەزكۇر مۇراسىمغا 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى قېتىم ئومۇمىي يىغىن چاقىردى

5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى. يىغىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئامېرىكا، بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ۋە تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، دوكتورلار ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى بولۇپ 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلغان. سايلامدا دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئاكادېمىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت رەئىسلىكىگە، ئەخمەتجان پولات، ئابدۇل ئەزىز بەشتوغراق ۋە مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.

خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009 – يىلى، 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. ھازىر بۇ ئاكادېمىيىنىڭ تۈركىيە ئىچى – سىرتىدا 33 نەپەر ئەزاسى بار.

ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «3 خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەر بېرىشنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 6 – ماي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىم قوماندانلىق شتابىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە «3 خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەر بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي قىسىملاردىن «مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن روھنى تۇرغۇزۇپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ›3 خىل كۈچلەرگە‹ ئىزچىل يۇقىرى بېسىم بىلەن قارشى تۇرۇشنى بوشاتماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

جاڭ چۈنشيەن 24 – ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇ يەنە، 8- مايمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە «3 خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەر بېرىشنى قايتا تەكىتلىگەن.

«5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر تۇتقۇن قىلىشقا ئائىت «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى» ناملىق ماتېرىيالنى قولغا چۈشۈرگەن.

ماتېرىيالدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەر تەۋەسىدە، 2009 – يىلى 7 – ئايدىن 9 – ئايغىچە، «قەشقەردە مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋە «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»گە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئېنىقلاپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

بۇلتۇر 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگە قەدەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى، يېڭىسار ۋە يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدىنلا «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە «6 – ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى»غا چېتىشلىق دەپ قارالغان 1077 ئادەمنى قولغا ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن، قانچىلىك ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلھام توختى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى

تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى سۆزىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەن 21 – ئەسىردىمۇ، سىرتقى ئالەمدىن خەۋەرسىز ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا زور بوشلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى يەنە، «دىيارىم» قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇلاقدادامتۇ كەنتىدىكى تۇرغان پولاتنىڭ 4 پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىنغان

«5- ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇلاقدادامتۇ كەنتىدىكى تۇرغان پولات ئائىلىسىنىڭ 4 پەرزەنتىنى قولغا ئالغان.

تۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ «5‏ – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەر «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ 3 پەرزەنتىنى قولغا ئالغان. تۇرغان ئاكىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن زۇلپىيە، تاشپولات، ئەختەم تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، تاشپولاتنىڭ ئايالى شەمشىبانمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش، «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن ئىككى كۈن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، دائىرىلەر زۇلپىيەنى ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەن. تۇرغان ئاكىنىڭ كېلىنى شەمشىبان، ئوغلى تاشپولات ۋە ئەختەملەر بولسا غۇلجا يېڭى ھايات تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تۇرغان ئاكا پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىرىئام ج ۋودىس خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىشقا چاقىردى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىش مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مىرىئام ج ۋودىس خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

مىرىئام ج ۋودىس خانىم باراك ئوباماغا يازغان خېتىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي تارىخقا ئىگە، ۋەكىل خاراكتېرلىك شەھەر ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، باراك ئوبامانى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى يوق قىلىۋېتىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى مىرىئام ج ۋودىس خانىم 2009 – يىلى 5 – ئايدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 1410 نەپەرگە يېتىپ نىشاندىن ئېشىپ كەتكەن.