ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.05.07

رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 3 ‏- مايدىن 7 ‏- مايغىچە، ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى Madrid ۋە ئىسپانىيىنىڭ شەرقىدىكى Valence شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان. پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىسپانىيىدىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئىسپانىيىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

1- ماي 4 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى بريۇسسېلدا ئاخىرلاشتى

مەزكۇر كۇرسىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، سىياسىيونلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

كۇرسقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى ۋە يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تورداش مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللانى قولغا ئالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تورداش مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللانى توردا «26- ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسى»گە ئالاقىدار ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان.

مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللا قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر رەسىمخانىنىڭ فوتو سۈرەتچىسى. ئۇ، 2009 ‏ – يىلى»5 – ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيىلىك ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇرتىدا قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللا 26‏ – ئىيۇن «شياۋگۇەن ۋەقەسى» بىلەن «5‏ – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئارىلىقىدا توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، «كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىككە ئېھتىياجى بارلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان «ھەر بىر كىشىنىڭ باراۋەرلىككە ئېھتىياجى بار» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە دائىرىلەرنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، «ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر» دېگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ ئىز ‏- دېرىكىنى ئالالمىغان.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تىبەتلىكلەر ئۇيغۇر پولۇسى يېدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدىن 9 نەپەر ئۇيغۇر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تىبەت يۇرتى يۈشۇغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا بىكارلىق پولۇ يېگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تىبەت خەلقىگە بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسى تىنچلىق قاتناش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەھەت توقسۇن باشلىق توققۇز ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم يۈشۇغا كەلگەن.

مەزكۇر ئۇيغۇرلار چوڭ داش قازاندا پولۇ تەييارلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تاماقلاندۇرغان. قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۇلارنىڭ پولۇسىنى يېگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: ›ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان 40 كۈشەندىنىڭ بىرى ‏- خۇ جىنتاۋ‹

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئاخبارات كۈشەندىلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 3- ماي ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان سىياسىيون، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، دىنىي رەھبەر، قوراللىق گۇرۇھ ۋە جىنايى تەشكىلاتلاردىن 40 شەخس ۋە گۇرۇھنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ چىقىلغان.

بۇ كىشىلەرگە «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ 40 كۈشەندىسى» دەپ نام بېرىلگەن. تىزىملىكتىكى شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئاخباراتنى قوللىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاخباراتنى دۈشمەن ئورنىدا ھېسابلاپ، مۇخبىرلارغا زەربە بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسسېل خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈش سەۋەبى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ، خىتايدا نۇرغۇن مۇخبىرلار تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە كۈچ چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دارۋاز ئادىل ھوشۇر بېيجىڭدىكى ›چاڭگا‹ ئولىمپىك زالىدا ماھارەت كۆرسەتتى

3- ماي ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر بېيجىڭدىكى چاڭگا ئولىمپىك زالىدا دۇنيا جىنس رېكورتى يارىتىش ئۇچۇن ماھارەت كۆرسىتىشنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل ھوشۇر 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە ياسالغان زال ئۈستىگە تارتىلغان سىمدا 60 كۈن ماھارەت كۆرسىتىدىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك دار يەر يۈزىدىن 60 مېتىر ئېگىزلىكتە باغلانغان. ئادىل ھوشۇر 3 – ماي ئەتىگەندە، ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قولىدا تەڭشەك خادىسىنى تۇتۇپ دار ئۈستىدە ئۇخلاش، ئولتۇرۇش ۋە يۈگۈرۈشكە ئوخشاش قېيىنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن. تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەن.

4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى

2010 ‏ – يىلى 4 – ئاينىڭ 28 ‏ – 29 ‏ – كۈنلىرى ئىستانبۇلدا 4 ‏ – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

كۆرگەزمىنى بابى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. كۆرگەزمە تاكسىم مەيدانى مېترو ئىستانسىسى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۆرگەزمىگە 50 دۆلەتنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مىللىي كىيىم – كېچەك، چىمەن دوپپا، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە چالغۇ ئەسۋابلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

د ئۇ ق ۋەكىلى ياۋروپا بىرلىكى ۋە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا كومىتېتى ۋە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 – ماي ئۇ ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تۇتقۇن قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، 4 – ماي گوللاندىيىگە يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە گوللاندىيىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ سۆھبەتتە نۇقتىلىق ھالدا 5 – ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەتكەن.