دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىسپانىيىدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رابىيە خانىم رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.05.06
Rabiye-xanim-Jenubi-Tirol-aptonum-rayuninida-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﯩﺮﻭﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻣﻪﻧﺘﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 3 ‏- مايدىن 7 ‏- مايغىچە، ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى Madrid شۇنىڭدەك ئىسپانىيىنىڭ شەرقىدىكى Valence شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدە، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم، مادرىد ۋە ۋالېنسې شەھەرلىرىدە، ئىسپانىيە خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن سىرت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىسپانىيىدىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلاردا، نەچچە يۈزلىگەن كىشىگە نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئىسپانىيىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئىسپانىيە زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە يېڭى بىر ئۆزگىرىش ياساش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم، ئىسپانىيىدىكى پائالىيىتىدىن بۇرۇن، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ھەمدە بېلگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 4 ‏- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 7 ‏- ماي كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.