دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولماقتا. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.05.06
ئىگىلىنىشىچە، رابىيە قادىر خانىم 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ زىيارىتى جەريانىدا ئىسپانىيىدىكى ئىككى شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «رابىيە قادىر مىللىي بۆلگۈنچى، بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ماھىيەتنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قانۇنلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن، غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلايدىغان دۆلەتلەرنى بولسا «خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلارغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.