2010.05.04

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى يازغۇچىسى روۋەن كاللىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ غەربتە قانداق قىلىپ مەنپەئەت قازىنىش توغرىسىدا ئاۋىستىرالىيىدىكى بۇ ۋەقەدىن ياخشى تەجرىبىگە ئېرىشكەنلىگىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىم يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئا ب س تېلېۋىزىيە قانىلىدا كەچ سائەت 9 يېرىمدا كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، گەرچە فىلىمنى تېلېۋىزىيىدە يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىرغىچە بۇنىڭغا قارىتا بىرەر ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئاپتور، فىلىمنى ئىشلىگۈچى جون لىۋايسنىڭ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم تېلېۋىزىيىدە قويۇلۇشتىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىرەر «ماجىرا» چىقىرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئەمدى ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدىغانلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا «توپنى قانچە قاتتىق ئۇرسا، ئۇنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىدەك ھەقىقەت «نى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئەمدى ئىلگىرىكى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاشكارا سورۇندا جىم تۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىگە قىلىۋاتقان توسقۇنلۇقلىرىنى ھېچقاچان توختىتىپ قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاكتىكىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ئاپتور روۋەن كاللىكمۇ بەزى چوڭ قاناللارنىڭ، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق بۇ فىلىمنى سېتىۋېلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ، بىر قىسىم مەبلەغ تېپىش قېيىن بولغان پروگراممىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەيلى يەڭ ئىچىدە ياكى ئوچۇق – ئاشكارا ئېلىپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا خەلقىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي داۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە قىزغىنلىقنىڭ كۈنسايىن ئۆرلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.