دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 26 – چېسلا چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلدى. رابىيە قادىر خانىم ئۈچ كۇن داۋاملىشىدىغان ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ
2010.04.27
Rabiye-Xanim-Filim-Festiwalida-sozde-3052009 – ﻳﯩﻠﻰ 8 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

AFP Photo
ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى ناملىق بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى باش شىتابى نيۇيوركتا بولغان «كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئوسلودا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى پايتەخت ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسى ئەربابلاردىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى تەكلىپ قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندونېزىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ھازىرقى خەلق ئادالەت پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەنىۋەر ئىبراھىم ۋە كولۇمبىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن 6 يىل گۆرۈگە ئېلىنغان كولۇمبىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى ئىڭرىد بەتانكوئۇرت ۋە بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەر بار. رابىيە قادىر خانىم بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك مېھمان سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىنىڭ بىرسىدۇر.

26 – ئاپرىل شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ يىغىننىڭ باش ساھىپخانى تھور ھالۋورسسەن رابىيە قادىر خانىمنى مېھمانلارغا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ جاسارىتى ۋە ئۆز خەلقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى، ھاياتى بويى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ كىشى يەنە، رابىيە قادىر خانىمغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئەتىگەن باشلانغان نۇتۇق سۆزلەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش ۋاقتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن. بۇندىن باشقا، رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ كۈنلەردە نورۋېگىيىدە دۆلەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترېي مېدۋىدېۋ چۈشكەن مەشھۇر گراند مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.