ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.23

ئاتلانتا كىنو فېستىۋالىدا «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

ئامېرىكىنىڭ جورجىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتلانتا كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن » مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى » ناملىق فىلىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئاتلانتادا ئېچىلىدىغان فىلىم فېستىۋالىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، ئۆز ھاياتى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئارقىدىن فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

فېستىۋالنىڭ 19 – ئاپرېلدىكى پائالىيىتىگە، ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتكارلار ۋە كىنو ھەۋەسكارلىرى بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. بۇ، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا كۆرسىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» بۇلتۇر كۈزدە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قۇيۇلغان ۋە رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر فېستىۋالغا تەكلىپ قىلىنىشى ئاۋسترالىيە ‏ – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

2 – قېتىملىق خەلقئارالىق دۇنيا تۈرك مەدەنىيەت قۇرۇلتىيى ئىزمىر شەھىرىدە ئېچىلدى

2 – قېتىملىق خەلقئارالىق دۇنيا تۈرك مەدەنىيەت قۇرۇلتىيى ئىزمىر شەھىرىدە ئېچىلدى. مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن مەزكۇر قۇرۇلتايغا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ساھىبخانىلىق قىلغان.

19 – ئاپرېلدىن 25 – ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 25 دۆلەتتىن كەلگەن 400 ئەتراپىدا ئالىم قاتناشقان . بۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بار. ئۇلار يىغىندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، فولكلورى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە خىتايغا ئالاقىدار باشقا ئەسەرلىرى بىلەن ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى پېتېر پاركس 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زەنجىرسىمان ۋەقەلەرگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش رەسىملىرى بىلەن ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان ۋە ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بىر توپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىرىدا پالتا – پىچاق، كالتەك – توقماق ۋە قىلىچلارنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە ئاتلانغان رەسىمنى پېتېر پاركس تارتقان ئىكەن. مەزكۇر فوتو سۈرەت ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىنچى بېتىگە بېسىلغان ئىدى.

2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغان ئىدى. نامايىش باستۇرۇلۇپ ئىككىنچى كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىسى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئاخبارات ساھەسىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي، ئىلھام توختىنى تۈركىيىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىشىغا يول قويمىدى

خىتاي دائىرىلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىشىغا يول قويمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان 2 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا تۈرك مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىلھام توختى قاتارلىق جەمئىي 8 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىن تەشكىللىگۈچىسى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلارنىڭ 4 نەپىرى ئۈرۈمچىدىن، 4 نەپىرى بېيجىڭدىن تەكلىپ قىلىنغان.

ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇلاردىن پەقەت 4 نەپەر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەن. ئەمما مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.

بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان يەنە قايسى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تىزىملاش خىزمىتى باشلىماقچى

خىتاي دائىرىلىرى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تىزىملاش خىزمىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16 ‏- ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر خىزمەت بۇ يىل مايدىن كېلەر يىلى دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ھەرىكەت داۋامىدا بارلىق كىتابخانا، مۇزېي، مىللىي ۋە دىنىي سورۇنلاردىكى كىتابلارنىڭ تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرى 1990 – يىللارنىڭ بېشىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، مەشھۇر تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ 3 كىتابىنى تەنقىد قىلىش ۋە يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى كىتاب تىزىملاش پائالىيىتىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئوخشاش بىر سەۋەب‏ – نەتىجە ھادىسىسىنى ئەسلەتمەكتە.

خىتاي، شاڭخەيدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا يېڭى «100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى باشلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «يەرمەنكە مەزگىلىدىكى 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى باشلىغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى فۇ چياڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى يەنە بىر قېتىملىق «100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، بۇ نۆۋەت نۇقتىلىق ھالدا «3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان شاڭخەي ۋە شاڭخەيگە قوشنا شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەن ئىدى.

خىتاي، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا بۇ يىلدىن باشلاپ «بىر كەنتتە بىر ساقچىخانا، بىر ساقچىخانىدا بىر خەلق ساقچىسى، بىر مەھەللىدە بىر ساقچى – خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولۇش» دەپ ئاتىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

بۇ تۈزۈم بويىچە، دادامتۇ يېزىسى ۋە يېزىغا تەۋە 5 كەنتتە جەمئىي 6 ساقچى ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن باشقا، بۇ كەنتلەردىكى ھەر بىر كوچىدىن بىر ئائىلە تاللىنىپ «ساقچى – خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى» قىلىپ قۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، دادامتۇ يېزىسىدىكى «ساقچى – خەلق ئالاقىلىشىش پونكىتلىرى» يەرلىك خەلقنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىشپىيونلۇق ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت دەپ قارىماقتا.

خىتاي سوتى نۇرۇل ئىسلامنى ›قاتىللىققا ئۇرۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى سادىر قىلغان‹ دەپ ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى، 17 ياشلىق نۇرۇل ئىسلام شېربازىنى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئالغان بولۇپ، نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شېربازخان ئەسلى پاكىستانلىق، ئانىسى پاشائايىم بولسا ئۇيغۇر ئىكەن.

نۇرۇل ئىسلام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتى پاكىستانغا قايتىپ كەتكەن شېربازخان ھازىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان. نۇرۇل ئىسلام، 1992 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 13 ‏- ئاپرېل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نۇرۇل ئىسلامنى «قاتىللىققا ئۇرۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى سادىر قىلغان» دەپ ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. بۇ لىنىيە 2013 – يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈر يول شىركىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ياسىلىدىغان قوش رېلىس قۇرۇلۇشى تاماملانسا، ئەسلىدىكى قوش رېلىس مەخسۇس يۈك توشۇيدىغان رېلىسقا ئايلاندۇرۇلۇپ، يېڭى قوش رېلىس مەخسۇس يولۇچى توشۇيدىغان رېلىسقا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان تۆمۈر يول يۇقىرى سۈرئەتلىك بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 250 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. شۇنداق بولغاندا لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىش مۇساپىسى 10 سائەت قىسقىرايدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 30 مىليون توننا كۆمۈر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىكەن. بۇ 2012 – يىلىغا كەلگەندە 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.