ئاۋۇستراليەنىڭ سىدنېي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن `مەدىنەيەتلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان تەسىرىنىڭ شەكىللىنىشى` ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن. سىدنېي ئۈنىۋېرسىتىتىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىن 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ئىلىم ئادىمى سۆز قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.04.15
Dr-Selchuq-awustralyede-yighinda-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 11 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺋﯜﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، `ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﻰ‹ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﺎﺩﻧﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﺭﻩﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﺭ. ﺳﻪﻟﭽﯘﻕ ﭼﻮﻻﻗﻮﻏﻠﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.

RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ يىغىندا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى `خەلقئارا مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشى‹ تېمىسىدا سۆز قىلغان.

بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئەتراپلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارادىكى تارىخى، سىياسى، ئىجتىمائىي، مەدەنىي جەھەتتىكى مەسىلىلەردىن