2010.04.02
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، لېكىن گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەن.
رابىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا چوقۇم پاناھلىق بېرىشكە ۋەدە بەرمىگەن، لېكىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە خانىم بۇ قېتىم گوللاندىيىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېستىردامدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى. ئۇ، بۇ جەرياندا گوللاندىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
خىتاينىڭ ئامېستىردامدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئاستىدا خىتاينىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.