د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاخشام بەرگەن بۇ دوكلاتىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.03.31
Rabiye-xanim-Gollandiye-Erkinlik-uniwersitetida-nutuq-sozlidi-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ، 3 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قۇچاق ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا پارلامېنت ئەزالىرى كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، باش كاتىپ دولقۇن ئېيسا، مۇئاۋىن رېئىسلەردىن ئابدۇسەمەتتىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت  3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

رابىيە قادىر خانىم 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتماقچى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش  ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە سەمەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.