ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.03.29
2010.03.29

RFA Photo / Erkin Tarim
رابىيە قادىر خانىم 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتە ئادۋوكات مارتىن بېرگ ئەپەندى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە، مۇساپىرلار لاگىرىغا بېرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ گوللاندىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سۇنغان.
رابىيە قادىر خانىم 200 ئەتراپىدا مۇساپىر ئۇيغۇرنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان مەلۇماتلارنى بېرىش ئارقىلىق بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.