ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن ئامېرىكا دىپلومات ئائىلە – تاۋاباتلىرى جەمىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ
2010.03.16
 بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئامېرىكىدا يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلىنىدىغان ئاياللار ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا رابىيە خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە، تارىختا ۋە بۈگۈن ئويناۋاتقان روللىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە 2008 – يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىكى خانىم – قىزلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ؛ جۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ خىتايغا ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر بايان قىلغىنى ئۈچۈن، بۈگۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر جەمىيەت ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ساھەسى، جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە پېنسىيىگە چىققان دىپلوماتلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاممىۋى بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈچۈن جامائەت پىكرى ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان.