2010.03.15

5 – نۆۋەتلىك مونترېئال كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا،رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەڭەن مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ناملىق فىلىمنىڭ تاللانغانلىغى مۇناسىۋىتى بىلەن،فېستىۋالنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بىرقانچە ھەپتە داۋاملاشقان ياۋرۇپا زىيارىتىدە چارچىغىنىغا قارىماي، 12 – مارت كۈنى فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماتېرىيالغا يېتىپ كەلگەن ۋە شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە رابىيە خانىمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ماتېرىيالدىكى مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى،ماتېرىيالدا چىقىدىغان » گازېتە مونترېئال» ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟» «نېمە ئۈچۈن 50 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان
كانادانىڭ مونترېئال شەھرىدە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق فىلم فېستىۋالىنىڭ 21 – مارتقا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىغى مەلۇم بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.