52 – فېۋرال ھەم 27 – فېۋرال كۈنلىرى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھەم خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك 3 – يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.01
خىتاي قانۇنىدا، «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپىسى خەلقنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە بولغان پىكىرىنى ئېلىش» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىن مەزگىلىدە، جايلاردىن كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ ئەرز قىلىشى چەكلەنگەن. شۇنداقلا باشقا ئۆلكىلەردىن بېيجىڭ شەھىرىگە كېلىپ، ئەرز قىلماقچى بولغان ئەرزدارلار يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.
خىتاي قانۇنىدا، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەزىپىسى»ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ھەرقايسى پارتىيە، گۇرۇھلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلىكسەپ نازارەت قىلىش» دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى تۇرۇش تەكىتلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىندا «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خۇلاسىلىنىپ، » رابىيە قادىر يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دەپ ئەيىبلىنىش بىلەن بىللە، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار «دۆلەتنى پارچىلاش سۈيىقەستىدە بولدى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا يەنە، خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن 11 – نۆۋەتلىك بەنچەن لاما سىياسىي كېڭەش دائىمىي ھەيئىتى قىلىپ سايلانغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بەلگىلىگەن «بەنچەن لاما» ھەم «دالاي لاما» لارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.